خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەردە «قەشقەر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى» تېمىسىدا «مىننەتدارلىق ئويۇنى» قويۇپ، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غالىپ رېھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 70 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ئويۇن قويۇش ئۆمىكى گۇاڭدۇڭ، شېنجىن، شاڭخەي، شەندۇڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكە (شەھەر)دە 17 مەيدان ئويۇن قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۇنجى مەيدان ئويۇن گۇاڭجۇ شەھىرىدە قويۇلغان. ياڭراق «مۇقام ساداسى»، جاراڭلىق ناخشا، لەرزان ئۇسسۇللار تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەن.
«ئامىنەنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى»، «چوڭ ئائىلىدىكى تىككۈچىلىك دۇكىنى» قاتارلىق لەپەر، «چوڭقۇر ھېسسىيات، ئۈزۈلمەس دوستلۇق» قاتارلىق ئېتوتلاردا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقى ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ئون ئىككى مۇقام»، «دولان مۇقامى»، تاجىكلارنىڭ بۈركۈت ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۆزگىچە نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بالىلار ئورۇندىغان «يېڭى كۈي»دە «قوش تىل» مائارىپىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نامايان قىلىنغان. گۇاڭدۇڭ خەلق كۈيلىرى ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق مۇزىكىلىرى مىللىي چالغۇدا ئورۇندالغان «يىپەك يولى گارمۇنىيەسى» تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئويۇن كېچىلىك «ئۇسسۇلغا چۈشەيلى» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئارتىسلار سەھنىدىن چۈشۈپ تاماشىبىنلار بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان. گۇاڭدۇڭ، شېنجىندىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئويۇننى كۆرۈپ، كېچىلىككە يۇقىرى باھا بەرگەن.
غالىپ رېھىم مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى ئويۇن ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىن ۋە قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۇتقان ئەستايىدىل پوزۇتسىيەسى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەكس ئەتتۈردۇق. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان تۆت ئۆلكە (شەھەر)دىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى دوستلارغا ناخشا-ئۇسسۇللىرىمىز بىلەن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى