سۈرەتتە: قىرمىشئاتام ساياھەت رايونىدىكى 1000 يىللىق دەرەخ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئۇلىشىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونى كۈز پەسىللىك ساياھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىنىڭ سىرلىق، ئاجايىپ، ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى.
9-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىرمىشئاتام مازىرىغا كېلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ پەلەككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەرنى، شىرىلداپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ۋاڭ شىن بۇ قېتىمقى بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
ساياھەتچى ۋاڭ شىن: «مەن بۈگۈن ئائىلەمدىكلەر بىلەن بىللە قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىغا كېلىپ بەك خۇش بولدۇق، دوستلىرىمدىن قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۈگۈن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.
قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىراق-يېقىنغا نامى تارالدى، ناھىيەمىزنىڭ پېشقەدەم چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى گۇ خېزو بوۋاي ئۆزىنىڭ شەنشىدىن كەلگەن دوستلىرى بىلەن قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، بۇ غەربىي قىسىم چېگراسىغا جايلاشقان ئىككىنچى يۇرتىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.
شەنشىلىك ساياھەتچى گۇ خېزو: مېنىڭچە بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، بۇ يەرگە كېلىپ شۇنداق يېقىملىق ھېس قىلدىم، قېرىغاندا يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىش ئويۇم بار .
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىرمىشئاتام مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، ھەر كۈنلۈك ساياھەتچى 200 دىن ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى