باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭدا ئۆلكە بويىچە كۆكتات، مېۋە سۈپىتى ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدۇ

دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەنلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ

2017.09.18 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شەندۇڭ ئۆلكىسى يېقىندا پۈتۈن ئۆلكىدىكى كۆكتات، مېۋە-چېۋە سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان بولۇپ، زەھىرى كۈچلۈك، ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنغا خىلاپلىق ئىشلەتكەنلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەندۇڭ ئۆلكىسى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم كۆكتاتچىلىق بازىسى. كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئارىلاپ تەكشۈرۈش شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بارلىق 17 ۋىلايەت، شەھەرنى قاپلايدىغان بولۇپ، شەھەرلەردىكى يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزا ئىگىلىكىدە قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش، مەسىلىنى تۈزەش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى يېتەكچى قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جەزملەشتۈرۈلگەن لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، دۆلەت ئىشلىتىشنى ئېنىق مەنئى قىلغان كۈچلۈك، ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەتكەنلەر دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، بايقالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ھەر قايسى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىپ، جايلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر