خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى 2-تۈەن-مەيدانىدىكى ئىشچىلار پاختا تەرمەكتە.
9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مۇھىم تاۋار پاختا بازىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختىچىلىق رايونى بولغان شىنجاڭ ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا كېۋەزلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. بۇ يىل ئارال بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى كېۋەز كۆلىمى 1 مىليون 800 مىڭ مو بولۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ھەر قايسى پاختىچىلىق تۈەن- مەيدانلار ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پاختىكار دېھقانلار ۋە سىرتتىن كەلگەن پاختا تەرگۈچىلەرنى پاختا تېرىشكە تەشكىللەپ، پاختىلارنىڭ ئامبارغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى