- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ چەت ئەلدە سېتىلىش مىقدارى 500 مىڭدىن ئاشتى
2017.09.18 14:54 مەنبە: خەلق تورى
گېرمانىيەلىك داڭلىق خەنزۇشۇناس ئىنگو نېنتۋىگ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۇرۇپ، جۇڭگو مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ شۇنچە چوڭ دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ كىتابىنى كۆپ خىل تىلدا نەشر قىلىپ تارقىتىش ئارقىلىق بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش كىشىنى شادلاندۇرىدۇ. «شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب دەل ۋاقتىدا تارقىتىلدى.
«شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى بىرلىكتە تۈزۈپ، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى چەت ئەل تىلى نەشرىياتى خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ئەرەب تىلى، ئىسپان تىلى، پورتۇگال تىلى، نېمىس تىلى، ياپون تىلىدىن ئىبارەت توققۇز خىل تىل، 10 خىل نۇسخىدا نەشر قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى. تارقىتىلىش بىلەنلا دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى جۇڭگونى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، جۇڭگو مەسىلىسىگە جاۋاب ئىزدەشنىڭ ئاچقۇچى دەپ تەرىپلەندى.
ئۈچ يىلدىن بۇيان «شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب 21 خىل تىل، 24 خىل نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا 6 مىليون 420 مىڭ پارچە تارقىتىلىپ، چەت ئەلدە تارقىتىلىش مىقدارى 500 مىڭدىن ئېشىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، چەت ئەلدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندى. بۇ كىتابنىڭ چەت ئەلدە تارقىتىلىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسىنى ئويلىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر