باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

31-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

فەن بىڭبىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2017.09.18 15:48   مەنبە: خەلق تورى

31-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى 16-سېنتەبىر كەچتە كۆكخوت شەھىرىدە ئېلان قىلىندى. فەن بىڭبىڭ «مەن پەن جىنليەن ئەمەس» ناملىق كىنو بىلەن ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئەمەلىيەتتە، «مەن پەن جىنليەن ئەمەس» ناملىق كىنو شۇ كۈنى كەچتە ئەڭ چوڭ يەڭگۈچى بولۇپ قالدى، ئەڭ ياخشى ئايال رولچى مۇكاپاتىدىن باشقا، فىڭ شياۋگاڭ ۋە يۈ خېۋېيمۇ بۇ فىلىم بىلەن ئەڭ ياخشى رېژىسسور ۋە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  لىن چاۋشيەن رېژىسسورلۇق قىلغان «مىكوڭ دەريا ھەرىكىتى» ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ دېڭ چاۋ «ئوتتەك قىزىق يۈرەك» فىلىمى بىلەن ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ گۇەن خۇ، دوڭ رۈننيەن «كونا زەمبىرەك» ناملىق كىنو بىلەن ئەڭ ياخشى سېنارىست مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ ۋېن جاڭ «لۇ ياۋ مالىنى چۈشىنىدۇ» ناملىق كىنو بىلەن رېژىسسورنىڭ تۇنجى ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئۇندىن باشقا، «ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ پۇشايمان خاتىرىسى» ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «ئۇجۇمچىنلىق بالا» ئەڭ ياخشى بالىلار فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «مۇ گۈييىڭنىڭ باش قوماندان بولۇشى» ئەڭ نادىر چاڭچىلە فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «تۇنجى يۇلتۇزنىڭ سىرىنى ئېچىش» ئەڭ ياخشى ئىلمىي تەربىيەۋى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «يوغان قۇلاق تۇتۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك خىيال كۈيى» ناملىق فىلىم ئەڭ ياخشى گۈزەل سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى