خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731-قىسىمى خارابىسى ئەتراپىدا، بىر ئېكسكۇرسىيەچى سۈرەتكە تارتماقتا (28-ئىيۇل تارتىلغان)
«ئوسۋېنتسىمدا ھېچ قانداق خەۋەر يوق» __ روسېنتالنىڭ 59 يىل ئىلگىرىكى بۇ خەۋىرى ناتسېستلارنىڭ جىنايەت چاۋىسىنى چىتقا يايدى.
ۋەھالەنكى، 7000 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئۆلكە مەركىزى خاربىن شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر قەۋەتلىك خارابە ئۆي ئۈن-تىنسىز 70 نەچچە يىل تۇردى. دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بۇ باكتېرىيە ئۇرۇشى خارابىلىكىدىكى ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان نۇرغۇن زوراۋانلىقىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بىلىـدۇ.
چۈنكى، پانىي ئالەمدىكى بۇ دوزاختىن ھېچقانداق كىشى ھايات چىقىپ كېتەلمىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى