باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ

2017.09.13 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە نەتىجىسى چىقىشىپ، ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىگە يەتكەن ۋە ئىلگىرى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرمىگەن ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ھازىر پۇرسەت كەلدى، شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلار 9- ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 10دىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنى سائەت 18گىچە شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn)دە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

  بۇ قېتىم تولۇقلاپ قوبۇل قىلماقچى بولغان 589 ئادەم، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورنلىرىنىڭ 1- تۈرمە، ئاياللار تۈرمىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇپ تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا تولۇقلاپ ئالماقچى بولغان كىشىلەر ئىكەن.

  تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئېلانى ۋە ئىش ئورنى جەدۋىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn)دە ئېلان قىلىندى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، قوبۇل قىلىنغان، ئەمما تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز چىققان، ياكى قوبۇل قىلىنىش سالاھىيىتىدىن ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچكەن ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار، بۇ قېتىمقى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا قاتناشسا بولمايدۇ. 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەڭرىتاغ رايونى شوربۇلاق كوچىسى 29- نومۇرلۇق)دا تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر