خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 11 -كۈنى، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارچە ئەللەر سارىيىدا، مېھمانلار «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى» ناملىق كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە.
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق كۆرگەزمىسى 11-سېنتەبىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا باشلاندى. رۇسىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، فىرانسىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە، پاكىستان، ئىران، كۇبا، گرېتسىيە، فىلىپپىن، تايلاند، بىرما، پاناما، كامبودژا، لائوس قاتارلىق 70 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى سىۋىن قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى