- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ ماشىنىلىق تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىن قېچىپ چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدېئو بايقالدى
2017.09.11 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تايلاندنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، گېنېرال پولكوۋنىك بايى 9-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند ساقچىلىرى تايلاندنىڭ شەرقىدىكى تايلاند بىلەن كامبودژا چېگرالىنىدىغان جايدا تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسى يىڭلۇك شىناۋاترا ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ قېچىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدېئو سۈرىتىنى بايقىدى.
تايلاند ساقچىلىرى: ھازىر يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن شوپۇر قولغا ئېلىندى، بىراق يەنىلا ئىچكىرلەپ سوراق قىلىنىدۇ دېدى.
بايى: يىڭلۇك شىناۋاترانى تەكشۈرۈش يەنە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ دېدى، بايى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ: تايلاند ھۆكۈمىتى يىڭلۇكنىڭ قېچىشىغا سۈكۈت قىلمايدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر