باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش قوللانمىسى ئەلنى خوش قىلدى

2017.09.12 15:54   مەنبە: خەلق تورى

ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش قوللانمىسى ئەلنى خوش قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى) پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ھەم قوللىشىنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق دېھقان-چارۋىچىلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش قوللانمىسى» (2017-يىللىق نۇسخىسى)نى تۈزۈپ باستۇردى.

  يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن قۇمباش يېزىسى ئاقئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، يەرلىك تەشۋىقاتچىلار، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئائىلىلەرگە، ئېتىز-ئېرىق بېشىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش، دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىش، ھەر دۈشەنبە بايراق چىقىرىشتىن كېيىنكى تەشۋىقات قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش قوللانمىسى»نى تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارغا ياخشى سىياسەت، ئەمەلىي نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قايسى جەھەتتىن نەپ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەمدە كەڭ دېھقانلارنى ھەرتۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلىدى.

  خىزمەت ئەترەت ئەزاسى تاڭ يۈنمېي مۇنداق دېدى: «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۆزىمىز تولۇق بىلىپ، ھەربىر دېھقاننىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە كونكرېت قىيىنچىلىقىغا قارىتا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى تېپىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆي-ئۆيلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. »

  دېھقان دانى ھەسەن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىن باشقا ئۇنى ئۆي-ئۆيلەرگە ئەكىرىپ ئەمەلىيلەشتۈردى، مەن قولۇمدىكى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى ھەركۈنى كۆرۈپ، ھەرتۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىپ ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا تېخىمۇ ياخشى پىلانلارنى تۈزۈۋاتىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ