باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2017.09.12 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ‹13- بەش يىللىق› يىرىك پىلانى»دا، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش، مائارىپنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى مۇھىم رايون مائارىپى مەركىزىلىك ئورنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش پىلانلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2020-يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95 كە يەتكۈزۈلىدۇ، مەكتەپتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىدۇ؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي پەنلەر يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %40كە يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئۈچ يىلدىن كېيىن، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %100كە يەتكۈزۈلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەيدۇ ۋە ئىشلىتەلەيدۇ؛ ئۈچ تۈرلۈك مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %90تىن ئاشۇرۇلىدۇ. ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكىلەرنىڭ ئوقۇش يىل چەكلىمىسى 11 يىلغا يەتكۈزۈلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوقۇش يىل چەكلىمىسى 13 يىلغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلار، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتا، يىرىك پىلاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، «قوش تىل» مائارىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. شىنجاڭدا يەنە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە ياردەم بېرىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئارخىپ ۋە كارتا تۇرغۇزۇلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر