خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن بەشتۈگمەن يېزىسى جىلغابويى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
پائالىيەتكە دېھقانلار، كەنت كادىرلىرى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى كادىرلار ئاكتىپ قاتناشتى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ بىر-بىرسىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دېھقانلار بىلەن كادىرلار ئارىسىدىكى ھېسىيات ئىنتايىن يېقىنلاشتى.
دېھقان رىزۋانگۈل: «بۇ پائالىيەت بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى تېخمۇ موللاشتۇردى، بىز كادىرلار بىلەن يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ پۈتۈن پائالىيەتلەرگە بىللە قاتنىشىپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى