خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- سنېتەبىر ئېگىز بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تارىم دەرياسى لوپنۇر بۆلىكىنىڭ مەنزىرىسى بەئەينى ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان رەڭدار ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ كەتتى. دۆلىتىمىز 2000- يىلدىن باشلاپ 10 مىليارد يۈەندىن كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، تارىم دەريا ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزىگەندىن بۇيان، تارىم دەرياسىغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي 18 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتى بارا-بارا دائىمىيلاشتى. شورلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەر سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق ياخشىلاندى، شۇنىڭ بىلەن، قۇملۇق يەرنىڭ كۆلىمى پەيدىنپەي ئازايدى، تۆۋەن ئېقىم دەريا بويىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە قۇرۇقتاغ قۇملۇقىنىڭ تۇتىشىش ۋەزىيىتى تىزگىنلەندى، تۆۋەن ئېقىمدىكى يېشىل كارىدور بارا-بارا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى