باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىلىدۇ

2017.09.12 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دە، شىنجاڭدا ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالى ياڭرىتىشنىڭ دائىرىسى ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە 17 نۇقتىلىق شەھەردە بولىدۇ. بۇ چاغدا مەھەللە، مەكتەپلەر تەشكىللىگەن ھاۋا مۇداپىئە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىگە قاتناشقان خادىملاردىن باشقا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھېچقانداق ھەرىكەت قوللىنىشى ھاجەتسىز، نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ساقلىسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك سىگنال بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئاڭلاشقا دىققەت قىلسىلا بولىدۇ.

  9-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ 2017-يىللىق «18- سېنتەبىر» ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالى ياڭرىتىشتا سىگنال ئۈچ خىل بولىدىكەن، «ئالدىن تىرېۋوگا بېرىش»، «ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى»، «سىگنالنى بىكار قىلىش» تەرتىپى بويىچە ياڭرىتىلىدىكەن، سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىش 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12دىن سائەت 12دىن 19 مىنۇت ئۆتكىچە بولىدىكەن، ھەر خىل تىرېۋوگا سىگناللىرى بەش مىنۇت ئارىلىق قالدۇرۇپ ياڭرىتىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدىن تىرېۋوگانى سىناق قىلىش ۋاقتى: 36 سىكۇنت ياڭرىتىلىپ، 24 سېكۇنت توختاپ، ئۈچ قېتىم قايتىلىنىدۇ، ۋاقتى ئۈچ مىنۇت بولىدۇ؛ ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىش ۋاقتى: ئالتە سېكۇنت داۋاملىشىپ، ئالتە سېكۇنت توختىتىلىپ، 15 قېتىم تەكرارلىنىدۇ، ۋاقتى ئۈچ مىنۇت بولىدۇ؛ بىكار قىلىش سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە ياڭرىتىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت ياڭرىتىلىدۇ. ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى ياڭرىتىش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ھاۋا مۇداپىئە تىرېۋوگا سىگنالىنى پەرقلەندۈرۈپ ئاڭلاشقا دىققەت قىلىشى، ھاۋا مۇداپىئە تىرېۋوگا سىگنالىنىڭ تۈرلىرىنى پىششىق ئىگىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر