باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەھدىنامىسى»نى پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 13-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ خەت ئەۋەتتى

2017.09.12 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ب د ت چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئەھدىنامىسى»نى پۈتۈشكۈچى تەرەپلەرنىڭ 13-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردۇس شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەر ساھە زاتلارنى سەمىمىي قارشى ئالدى ھەم يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەرنىڭ چۆللىشىشى− ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دۇنياۋى مۇھىم ئېكولوگىيە مەسىلىسى. ئەھدىنامە كۈچكە ئىگە بولغان 21 يىلدىن بۇيان، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، يەر شارىنىڭ چۆللىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئەمما ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، دۇنيادا يەنىلا نۇرغۇن جايدىكى خەلق چۆللىشىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا «قول تۇتۇشۇپ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئورتاق كۆزلەيلى» باش تېما قىلىنىپ، ئەھدىنامىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رامكىسى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، بۇ، يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇھىم ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر