باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەننىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: %70دىن ئارتۇق ئامما ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى قوللايدىكەن

2017.09.12 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى باشلانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. تەيۋەن ۋاڭۋاڭ جۇڭشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %70دىن ئارتۇق تەيۋەن خەلقى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان مۇھىملىقى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن %30 كىشى نۆۋەتتە ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش كېرەك، دەپ قارايدىكەن. ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۈستىدە تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ ئىككى قىرغاق سىياسىتى ئاساسىي ئېقىم ئەل رايى بىلەن زىت بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايقالغان مەسىلە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە بولغان مۇھىملىقى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆزئارا ياخشى نىيەتلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى قانداق قاراشتىن ئىبارەت. «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى مۇھىملىقى كۆپىيەمدۇ ياكى ئازىيامدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى كۆپىيىش نىسبىتى %74كە يەتكەن ۋە ئازىيىش نىسبىتى پەقەتلا %17.3 بولغان بۇ خىل ئەھۋالدىن تېپىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياشلار چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە بولغان مۇھىملىق نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارىغان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغانلارنىڭ %83.6ى «مۇھىملىقى ئاشتى» دەپ قارىغان، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىچىدە، مۇھىم، دەپ قارىغانلار %85.7كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر