- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«شى جىنپىڭنىڭ <كېسەك ئالتۇن> دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى نەشر قىلىندى
2017.09.12 14:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ <كېسەك ئالتۇن> دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكىتىمىزدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.
بۇ كىتابچىگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شيامېندا «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان « <كېسەك ئالتۇن> ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق يارىتايلى»، « <كېسەك ئالتۇن> ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى»، «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى»، « <كېسەك ئالتۇن> دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» قاتارلىق تۆت مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر