باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئافرىقا مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى

2017.09.11 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مالاۋىنىڭ پايتەختى لىلوڭۋېدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو -ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋە ئافرىقا تەرەققىياتى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا جۇڭگولۇق ئالىملار ئافرىقىدىكى 11 دۆلەتنىڭ ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقى ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئافرىقىدىكى ئوتتۇرا كىچىك دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىنىڭ ئافرىقا تەرەققىياتىغا بولغان مەدىتى قاتارلىق قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى ۋە كەڭ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  ئىفئوپىيەلىك ئالىم ئالەيمۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ قىسلىق ئەھۋالىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى ئازايتتى. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمىغان ئەھۋالدا خالىس ياردەم بەردى، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى ئېھتىياجلىق.

  تانزانىيە دارىسسالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى موسېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق 700 مىليون ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، ئەمما ھازىر ئافرىقىدا يەنىلا 400 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشى تويۇنۇش سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرماقتا، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشقان تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى ئىنتايىن مۇھىم.

  لېسوتولىق ئالىم مالېلېب مۇنداق دەپ قارىدى: ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات قېلىپىدىن ئۆگىنىشى، بازار ئىقتىسادى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىمۇ ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە يۇقىرى ئېشىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر