باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى: ئىران ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ

2017.09.11 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىھ تۈنۈگۈن: ئامېرىكا چېكىنىپ چىققان تەقدىردىمۇ باشقا ئالاقىدار دۆلەتلەر چىڭ تۇرسىلا، ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىگە يەنىلا ئەمەل قىلىدۇ دېدى.

  سالىھ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئىراننىڭ سودا مۇھىتىنى بۇزۇپ، چوڭ كارخانىلار ۋە بانكىلارنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىرانغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرانغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلمايلا قالماستىن، يەنە تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئىرانغا مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى بار غەربنىڭ نۇرغۇن شىركەتلىرى گاڭگىراپ قالدى، بۇ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى قوزغىتىش رولىنى چېكىندۈرۈۋەتتى. 15-ئاۋغۇست ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي: ناۋادا ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان جازا تەدبىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن دەپ بېشارەت بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر