باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر–يېزىلىرىدىن 40 مىڭغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2017.09.11 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق نىشان–ۋەزىپىنىڭ %95.4ى تاماملاندى

  ‹‹شىركەتكە كەلگىنىمگە توپتوغرا ئۈچ ئاي بولدى، ھازىر رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتىم، ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا مۇشۇنداق ياخشى خىزمەت بەردى، مەن جەزمەن بۇنى قەدىرلەپ، ئىش ئورنىمدا ياخشى ئىشلەيمەن››، دېدى شىنجاڭ ‹‹شۆفېڭ›› پەن – تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇرېھىم مەتكېرەم 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى.

  ئابدۇرېھىم مەتكېرەم خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىنىڭ ئىگەرچى كەنتىدىن بولۇپ، بۇ يىل 6 – ئايدا شىنجاڭ ‹‹شۆفېڭ›› پەن – تېخنىكا (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، بىر ئايلىق تەربىيەلىنىشتىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش – قوغداش بۆلۈمى 3 – سېخىغا تەقسىم قىلىنىپ، پائالىيەت مەركىزىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. بۇ يىل قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىن ئۇنىڭغا ئوخشاش 40 مىڭغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەكچى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شەھەر – يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر خىزمەتكە، كىرىمگە ئىگە بولۇپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىنتىلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدا ئۇزاقتىن بۇيان ئارتۇق ئەمگەكچى كۆپرەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئازراق بولدى. بۇ يىل 4 – ئايدا چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2017 – يىلى 40 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن ناھىيەسىدىن 5000 كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرگە ئاپىرىپ، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 10 مىڭ كىشىنى دۆلەت كارخانىلىرى (مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ‹‹ئالتە بىر تۈركۈم›› يولى ئارقىلىق قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 25 مىڭ كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۈەن ھەمدە جايلاردىكى كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى. بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئورتاق كۈچەپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شىنجاڭ ئىچىدە تەرتىپلىك يۆتكەپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش، ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىشىلەر كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن جەمئىي 38 مىڭ 163 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نىشان – ۋەزىپىنىڭ %95.4ى ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن ناھىيەسىدىن يۆتكەلگەن 5000 كىشى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەردە مۇھىت تازىلىقى ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ۋەزىپە %100 تاماملانغان؛ دۆلەت كارخانىلىرىغا 10 مىڭ 680 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىپە %106.8 ئورۇندىلىپ، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى قىلغان شىنجاڭ ئىچىدە تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن. تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش داۋامىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت ۋە تارماقلار سىرتقا چىقىرىدىغان ئەمگەكچىلەرنى تاللاشتا نامرات ئائىلىلەر، دۆلەت تىلى بىلىدىغانلار، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغانلار، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىش ئىستىكى بارلار، ئەر – خوتۇن ئىشلەمچىلەرنى ئالدىن تاللاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، قانۇن ساۋاتلىرى، دۆلەت تىلى، ئەمگەك ئىنتىزامى تەربىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئادەتتىكى ئىش ئورنى ماھارىتى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئۆلچەملىك تەربىيەلەش، مەخسۇس ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى قوبۇل قىلىدىغان جايلار ئالدىن پىلانلاپ، ئىش ئورنى تەسىس قىلىش بىلەن بىللە، ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى جىپسىلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئادەم ئىشلىتىش ئەھۋالى، ئىش ئورنىنى كەڭ دائىرىدە ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئېچىشى ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئالدىن تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى توشۇشقا مەخسۇس ئالتە پويىز ئاجراتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى جايلارنىڭ 265 ئاپتوبۇس تەييارلاپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى مەخسۇس ئاپتوبۇس بىلەن ئىش ئورنىغا يەتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ‹‹يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان جايدىكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇرۇش›› نىشانىغا ئاساسەن، ئارتۇق ئەمگەكچى چىقارغان جاي بىلەن قوبۇل قىلغان جايدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىشلەمچىلەرنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ، تەپسىلىي تەربىيەلەش لايىھەسى تۈزۈپ، تاماق، ياتاقنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بىرگە بىر، بىرگە كۆپ كىشى ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ تېزدىن يەرلىككە سىڭىشىپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ياخشى ئىشلىشى، مۇقىملىشىشى، تۇرۇپ قېلىشى، كىرىمى بولۇشى، بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ھازىر قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 38 مىڭ 163 ئارتۇق ئەمگەكچى ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراقاش بازىرىلىق ئوبۇلقاسم ئەخمەت بىلەن جۈمەنىسا مەخمۇت ئەر – خوتۇن ھازىر شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى قارىمىقىدىكى بىر تېز تاماقخانىدا مۇلازىملىق قىلىۋاتىدۇ، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن بىر ئايدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. ‹‹تىزىملىكتىكى تاماق، قورۇما ئىسىملىرىنى بىلىۋالدىم ھەم خېرىدارلارغا تاماق، قورۇما ئىسمىنى دۆلەت تىلىدا دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. مەن ياخشى ئىشلەپ، كەلگۈسىدە ئىسمېنا باشلىقى، باشقۇرغۇچى بولۇپ، كېيىنكى تۇرمۇشىمنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن››، دېدى جۈمەنىسا مەخمۇت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر