- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
2017.09.11 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 9–ئاينىڭ 9–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
شىنجاڭ ‹‹ئالىي›› مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن تەنھەرىكەتچى، تىرېنېرلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەرنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىسى ۋە ئەلا نەتىجىلىرىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلگەن ھەر ساھەدىكى زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن مەملىكەت كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ مۇسابىقە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەر شىنجاڭ خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، تىرىشىپ غەلىبە قازىنىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت ماھارىتى ۋە ئىقتىدارى، ياخشى روھىي قىياپىتى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن شەرەپ قۇچۇپ، يۇرتىغا شان–شەرەپ كەلتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەغرۇرلىنىپ كەتمەي، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يېڭى پەللىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئومۇمىيىتىدە پىلانلاپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەنتەربىيە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىسىتىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر