- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا 400–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى
2017.09.11 15:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
كىيىم–كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان X9091–قېتىملىق يۈك پويىزى 9–ئاينىڭ 7–كۈنى سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن قاتنىغان 400–قېتىملىق جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قاتناش قېتىم سانى تېز كۆپىيىپ، دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھازىرقى ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتناشقا تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8–ئايدا جەمئىي 65 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يۇقىرى رېكورت ياراتقان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى قازاقسىتان تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر