باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.09.12 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىن ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەپتىشلەر جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا «تەپتىشلىكنى جامائەت پاراۋانلىقىغا مۇلازىمەت قىلدۇرايلى» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، تىنچ، ئادىل، ئىناق بولغان قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەپتىشلەرنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغدىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگودىكى تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگىنى، ئۇ جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەرزىيەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالغان، شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئەتى ھەم جامائەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو تەپتىشلەرنىڭ جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيانىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكىگە ئالاقىدار نەتىجىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەپتىشلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن ئورتاق يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر