- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016- يىلى پاكىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سانى زور دەرىجىدە ئازايدى
2017.09.12 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 11- سېنتەبىر پاكىستان دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: 2016- يىلى، پاكىستاندا جەمى 785 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سانى 2015- يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %31 ئازايغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پاكىستان تەۋەسىدە جەمئىي 426 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەن.
دوكلاتتا پاكىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى سەۋەبلەر 2014- يىلدىن بۇيان پاكىستان تەۋەسىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا قارىتا بىر قاتار زور تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئىلىپ بېرىلغانلىقى سەۋەب بولدى دېيىلگەن. دوكلاتتا، 2016- يىلى پاكىستاندا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىشتا 955 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، 2015- يىلدىكىدىن تەخمىنەن %12.14 ئازايغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر