باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى تىنچلىق شەكلى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.09.12 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاڭ گېنخى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: كورېيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى تىنچلىق شەكلى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ كورېيە ئۇزۇندىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كورېيە ھۆكۈمىتى تىنچلىق شەكلى ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ ئومۇميۈزلۈك سىناشقا بولىدىغان ھەمدە يېنىۋېلىشقا بولمايدىغان يادرو قورالدىن ۋاز كېچىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نىشانى. كورېيە بۇ يۆنىلىشكە قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەيدۇ، سەۋرچان بولىدۇ ۋە كۈچ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ۋە تەھدىتنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا تولۇق ئىشىنىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق ئارزۇسىغا پىسەنت قىلماي، داۋاملىق ئېغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان بولسا، مۇقىمسىزلىق ۋە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئىبارەت بەدەل تۆلەيدۇ.

  ئۇ چاۋشيەنگە ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىشنى ئويلىشىدىغان ئويلاشمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: كورېيە شارائىت مۇۋاپىق بولغاندا كورېيە چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن چاۋشيەنگە ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، لېكىن ئۇ ھازىر بۇنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر