باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 60 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2017.09.12 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى 16-قېتىم «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، 2017- يىلى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى تۇنجى قېتىم 60 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 64 تىرىليون يۈەنگە يەتكەن، يەنە بۇنداق بىر بالداق ئۆرلەشتە، يېتەرلىك ئاساس، شۇنداقلا كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچ بار.

  جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭيۈ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 500 كۈچلۈك كارخانا ۋەكىللىكىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ كارخانىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، كۈچلۈك بولۇش، ئەلا بولۇش، زور بولۇش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، دۇنيادىكى چوڭ كارخانىلار ئارىسىدىكى ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى».

  كۆلىمى مۇقىم كېڭەيدى، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كارخانىلار كۆپەيدى. بۇ يىلدا جۇڭگونىڭ 500 كۈچلۈك كارخانىسىنىڭ تىجارەت كىرىمى %27.9 ئاشتى، ئامېرىكىنىڭ 500 كۈچلۈك كارخانىسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تىجارەت كىرىمى ئاشمىغان، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى %8.6 تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ 2017-يىلى جۇڭگونىڭ 500 كۈچلۈك كارخانىسىنىڭ قاتارغا تىزىلىش بوسۇغىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 مىليارد 965 مىليون يۈەن ئېشىپ، 2002-يىلى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىش كۆلىمىنى ھاسىل قىلغان؛ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانا 157 بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 5 كارخانا كۆپەيگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر