باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر ئېلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇددىتى ئۇزارتىلدى، كوللېكتىپ يېرىگە ئىجارە ئۆي سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلدى

يېزا يەر ئىسلاھاتىدا تەدبىرلەر ھەمتۈرتكە ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

2017.09.12 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ۋە جايلاردىن ئۇقۇشىچە، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىغان يېزا يېرىنى ئېلىش تۈزۈمى، يېزا كوللېكتىپ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلغان. تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن، كوللېكتىپ يېرىگە ئىجارە ئۆي سېلىش قاتارلىق ئىسلاھاتنىڭ يېڭى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى باسقۇچ خاراكتېرلىك خۇلاسىلەش مەزگىلىگە كىردى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى، كەلگۈسىدە كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات ھەمتۈرتكە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي لىنىيەگە ئايلىنىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىنى تەقسىملەشكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىش يەنىلا ئىسلاھاتتا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك يادرولۇق مەسىلىدۇر.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا يېزىلاردىكى ئۈچ تۈرلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چۆرىدەپ، جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. 9-ئاينىڭ 6-كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن يەر باش نازارەتچىسى جاڭ دېلىن مۇنداق دېدى: يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئۈچ تۈر نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن بۇيان، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلاردا شەكىللەنگەن بەزى تۈزۈملەر «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە كىرگۈزۈلدى. يېقىندا، مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى، جايلار ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالاقىدار ئىسلاھات، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشى كېرەك.

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى شەندۇڭنىڭ جىنەندە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ساۋ ۋېيشىڭ ھازىرغا قەدەر يولغا قويۇلغان يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مەخسۇس خۇلاسىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر