- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسرائىلىيە، ئىسرائىلىيە ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنى كېچىكتۈردى
2017.09.12 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: توگو زۇڭتۇڭى فۇرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەسلىدە بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23- كۈندىن 27-كۈنىگىچە توگونىڭ پايتەختى لومېدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە ئافرىقا ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى كېچىكتۈردى. باياناتتا باشلىقلار يىغىنىنىڭ قاچانغىچە كېچىكتۈرىدىغانلىقى ئېيتىلمىدى.
بىراق، ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پەلەستىن بىلەن بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرى قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە بىلەن ئافرىقا ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئافرىقا بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچىگەن. ئەگەر بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىنكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر