باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن بىلەن مېركېل چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ كىرىزىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى

2017.09.12 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11- سېنتەبىر دېيىشىۋالغان ۋاقىت بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلىشىپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيتىنى مۇزاكىرەلەشتى، ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كىرىزىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن بىلەن مېركېل چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە، چاۋشيەننىڭ بۇ خىلدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىغا خىلاپ بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قىلغان ئېغىر تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن.

  پۇتىن بىلەن مېركېل، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كىرىزىسىنى سىياسىي، دىپلوماتىك ۋاسىتىلار بىلەن ھەل قىلىپ، بارلىق ئالاقىدار سۆھبەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىگەن.

  پۇتىن بىلەن مېركېل، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە قاتلىمى دەرىجىلىكلەرنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا داۋاملىق مۇھاكىمە ئىلىپ بېرىشىنى كېڭىشىپ بېكىتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر