- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ قاناس ئايرودۇرۇمى 10-ئاينىڭ بېشىدا تاقىلىدۇ
2017.09.12 16:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا قاناس ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، قاناس ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا قاتناش توختىتىش مۆلچەرلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى مەخسۇس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 15-ماي ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كېلىشى بىلەن قاناس ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت مەزگىلى»نىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن ئايرودۇرۇم تاقىلىدىكەن.
2007-يىلى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، قاناس ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ساياھەتچىلىك يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان، 2017-يىلى جەمئىي 2133 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 88 مىڭ 686 يولۇچى (ئادەم/قېتىم) توشۇلغان، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ دەرىجىسىگە يەتكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ ساياھەت قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە چۇڭچىڭ-قاناس لىنىيەسى ئېچىلىپ، يولۇچىلار مىقدارى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر