باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: 8-ئايلىق مالىيە چىقىمى %2.9، كىرىم %7.2 ئاشتى

2017.09.12 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 2017-يىلى 8-ئايلىق مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، 8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى بىر تىرىليون 65 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى بىر تىرىليون 464 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشتى.

  8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى بىر تىرىليون 65 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 510 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى؛ جايلارنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك كىرىمى 554 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى كىرىمى ئىچىدىكى باج كىرىمى 890 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ۋە 7-ئايلىق ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، بۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، باھا ئۆرلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە بولدى؛ باجدىن باشقا كىرىم 174 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.5 تۆۋەنلىدى، ئاساسلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش ئايدىكى ئاساس ساندىن يۇقىرى بولدى.

  8-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى بىر تىرىليون 464 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمى 228 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشتى؛ جايلارنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى 1 تىرىليون 235 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشتى. چىقىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئاساسلىقى چىقىم قىلىش سۈرئىتى تېزلىدى، بەزى چىقىملار ئالدىنقى مەزگىلدە ئىپادىلەندى.

  1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوت چىقىمى ئۈچ تىرىليون 26 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.4 ئاشتى. مەركەز ۋە يەرلىكتىن قارىغاندا، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمى 121 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 تۆۋەنلىگەن؛ جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند خامچوتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك چىقىمى ئىككى تىرىليون 904 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىگە ئالاقىدار چىقىم ئىككى تىرىليون 586 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.3 ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر