باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىئانە قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارا قىلىش كېرەك

2017.09.12 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مىنىستىرلىق يېقىندا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارا ئىئانە توپلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلىرى ئۈستىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ھەر يىلى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا جەمئىيەتتىن توپلانغان ئىئانىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى يوللىشى كېرەكلىكى ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

  شۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئەگەر ئاشكارا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرماقچى بولسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قەرەللىك ھالدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ئۇچۇر سۇپىسىدا ئاشكارا ھالدا ئىئانە توپلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئاشكارا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئىئانە توپلاش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشى، ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قانات يايدۇرغان ئاشكارا ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان ئۇچۇر سۇپىسى ياكى بېكىتىلگەن ئۇچۇر سۇپىسىدا شۇ ئىئانە توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر