باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى تۇنجى قېتىم %80تىن ئاشتى

2017.09.12 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، مەزكۇر شەھەردىكى تۇنجى تۈركۈمدە 250 نەپەر يېڭى ئەسكەر بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغا يىغىلىپ يولغا چىقتى. بېيجىڭ گارنىزون سىياسىي كومىسسارى جياڭ يوڭ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ نىڭ، بېيجىڭ گارنىزون مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى شۈن گۈيشىن، ئىشتاب باشلىقى ليۇ شىشۈي ئۇزىتىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شەھىرىمىزدىكى ھەر تۈرلۈك ۋە ھەر دەرىجىلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ ئەسكەر تەستىقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى ئۆتكەللىرىنى قاتتىق تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، يۇقىرى ساپالىق ياشلارنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىشىنى ئالدىن تەستىقلاپ، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مەزكۇر شەھەردە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەسكەرلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى تۇنجى قېتىم %80تىن ئاشقان.

  يېڭى ئەسكەرلەرنى توشۇش خىزمىتى 9- ئايدىن باشلىنىپ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاياغلىشىدۇ، يېڭى ئەسكەرلەرنى توشۇيدىغان پويىزلارنىڭ %80تىن كۆپرەكى يۇقىرى سۈرئەتلىك دىۋىگاتىللىق پويىز بولىدۇ. پىلان بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە توشۇلىدىغان 250 نەپەر يېڭى ئەسكەر دۇڭچېڭ، شىچېڭ، چاۋياڭ ۋە خەيديەن قاتارلىق رايونلاردىن بولۇپ، جەمئىي 11 رايوندىن كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر