- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇردى
2017.09.12 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى 11- سېنتەبىر، مەزكۇر ئورگاننىڭ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا بىر مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ كۈنى، ئۇ كېڭەشنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىگە سۇنغان دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: مەخسۇس چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇشتىن مەقسەت، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسىدە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ياخشى تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت.
ئۇ، چاۋشيەننىڭ يېقىندا ئىلىپ بارغان يادرو سىنىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىغىنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر