- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
72-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلدى
2017.09.13 14:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 72-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 12-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئادەمنى ئاساس قىلىش: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقان يەر شارىدا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىنچ ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى تىرىشىپ يارىتىش» بولدى.
72-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى مىروسلاۋ لېچاك سۆز قىلغاندا: بۇ نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىدا «ئادەمنى مەركەز قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە تەكىتلەپ: ب د ت ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇلىدۇ»، دېدى.
ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ھەمدە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار شۇ كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر