باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئاساسلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن «6+1»يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

__ ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى ئورتاق كېڭەشتى

2017.09.13 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن دىياۋيۈتەي مېھمانخانىسى فاڭخۇايۈەن زالىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم ياڭ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردې، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازېۋېدو، خەلقئارا مېھنەتكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى رېيدېر، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇررىيا، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى كارنېي بىلەن 2- قېتىملىق «6+1» يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ كەلگۈسى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئاساسلىقى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ھىمايە قىلىش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، ئەمگەكچىلەر بازىرى سىياسىتى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىدا ئەسلىگە كېلىشتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋال كۆرۈلدى، بىراق ئاجىز تەرەپىمۇ ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى ھېلىھەم كۆپرەك ساقلانماقتا. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىدا جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش مەيدانى ۋە تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى شەرھلىدى. بىز خەلقئارا بىلەن سەمىمىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى تەڭ ئىگىلەپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىپ، كۆزلىمىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئەسلىگە كېلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر