باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقىسى يانغا ئېگىلىش مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

2017.09.13 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەگىشىپ لياۋشى رايونىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى قىسمەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئومۇرتقا ئېگىلىش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە باردىم. ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، لياۋشى رايونىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقىسى يانغا ئېگىلىش نىسبىتى %10~%15، ئومۇرتقىسىنىڭ نورمالسىز بولۇش نىسبىتى %44كە يەتكەن. ئىگىلىنىشچە، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقىسى يانغا ئېگىلىشىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىش نىسبىتى ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە 10 مىليون ياش-ئۆسمۈرنىڭ ئومۇرتقىسى يانغا ئېگىلگەن. بۇ مەسىلە چوقۇم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.

  شۇنچە كۆپ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ يانغا ئىگىلىشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغاندۇ؟ سۇبيېكتىپ ئامىلدىن قارىغاندا: بىرىنچى، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرۇش قىياپىتى دۇرۇس بولماسلىق، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يان تېلېفون ئويناش، كومپيۇتېرغا قاراش، يانچە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش، تاق مۈرىلىك سومكا ئېسىش قاتارلىق ناچار ئولتۇرۇش قىياپىتى ۋە ئادىتىدىن كېلىپ چىققان؛ ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ھەرىكىتى ئاز بولۇش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشماسلىق، تاپشۇرۇق بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار مۇسكۇل سۆڭەكنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۈچىنچى، قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى قانۇنىيەتسىز، يېمەك-ئىچمىكى ئىلمىي ئەمەس، ھورمۇن تەڭپۇڭسىزكەن؛ تۆتىنچى، تۇغما ئىرسىيەت ئامىلى ۋە پىسخىك ئامىللارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىگەن. مەكتەپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئومۇرتقا يانغا ئېگىلىشكە ئالاقىدار ساۋاتلارغا، بولۇپمۇ زىيىنىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق تەكلىپ بېرىمىز:

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، مائارىپ، سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇرتقىسى يانغا ئىگىلىشىنى قەرەللىك مەخسۇس تەكشۈرۈپ، گۇمانىي كېسەل بايقالغان ھامان پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، داۋالاش تەكلىپى بېرىشى كېرەك، شۇنداقلا ئومۇرتقا يانغا ئېگىلىشىنى تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئىچىدىكى چوقۇم تەكشۈرىدىغان تۈرگە كىرگۈزۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر