باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 15 تارماق 2020-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئېتانول بېنزىننى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى لايىھەنى بېسىپ تارقاتتى

2017.09.13 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى «ئاخبارات ۋە گېزىت تەرمىلىرى» پىروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «بىيو يېقىلغۇ ئېتانول ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋە ئاپتوموبىللاردا ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. لايىھەگە ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئاپتوموبىللاردا ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن.

  يېقىلغۇ ئېتانول بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى بولۇپ، ئېتانول بېنزىن ئىشلەتكەندە ئاپتوموبىللاردىن چىقىدىغان كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى كاربون، ئۇششاق زەررىچە ماددا ۋە باشقا زىيانلىق بۇلغىما ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازلىتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلايدىكەن. نېفىت سەرپىياتى چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېتانول بېنزىننى نېفىتنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمكەن. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئاشلىق بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىمكەن.

  جۇڭگو خەلقئارا قۇرۇلۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى نېفىت-خىمىيە، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لې يۇخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇشۇنداق مۇددەت ۋە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىقلارنى ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلىدۇ، تەمىنلەش جىددىي ۋاقىتلاردا ئاساسلىقى مانىھوت قاتارلىق كىراخمال تۈرىدىكى خام ئەشيالار بىلەن ئېتانول ئىشلەپچىقىرىپ، ياخشى تەڭشەش ۋاسىتىسى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىئو يېقىلغۇ ئېتانول كەسپىمۇ مۇددەت ۋە ئۆلچەمدىن ئاشقان ئاشلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئېتانول بېنزىننى ئومۇملاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئېتانول بېنزىن ئىستېمال مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە بېنزىن ئىستېمالى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/5 قىسمىنى ئىگىلىدى. 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ بىيو يېقىلغۇ ئېتانولدىن يىللىق پايدىلىنىش مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ. «يولغا قويۇش لايىھەسى» بويىچە مەشغۇلات قىلغاندا، 2020-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت ئاساسىي جەھەتتىن ئېتانول بېنزىن ئىشلىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر