باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسىدە نامايان قىلىندى

2017.09.13 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- سېنتەبىر، 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، ئىجادىي شىنجاڭ»نى باش تېما قىلغان ھالدا، شىنجاڭدىكى 20 مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كارخانىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىكى نادىر ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى»دىكى رايون ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

  بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى باشلىنىش بىلەنلا، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىغا ئادەملەر مىغ-مىغ يىغىلىۋالدى. يەنى، قويۇق ھالدىكى شىنجاڭ پۇرىقى بىلەن تولغان مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈپىتىدىكى قول ھۈنەر-سەنئىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى بىر گەۋدىلەنگەن كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە ماركىلارنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ۋە ئۆزگىچە كىيىم-كېچەكلىرىنى نامايان قىلىدىغان ۋە شىنجاڭ ئوبرازىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ شىنجاڭ سارىيى تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ بۆلەككە، يەنى، بارماق ئۇچىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەسلىمىلەر ئىچىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ۋە ناخشا-ئۇسۇل ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر