خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، يىغىنغا قاتناشقۇچى كۆرگەزمە رايونىدىكى بىر تور بىخەتەرلىكى ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شۇ كۈنى، «ھەممە شەيئىنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشى بىخەتەرلىكنىڭ ئۆلچىمى» باش تېمىسىدىكى 2017- يىللىق جۇڭگو ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئالاقىدار ئاپاراتلارنىڭ 1000غا يېقىن ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى يىغىنغا قاتنىشىپ، تور جىنايىتى، ھۆكۈمەت، كارخانا بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈزەش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى