باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى

(2017-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى)

2017.09.13 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەمىنلەش سۈپىتىنى ياخشىلاش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشتىكى مەركىزىي ۋەزىپە. ئۇززاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ سۈپەت ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى، سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىدە مۇقىم ياخشىلىنىش بولدى، بۇ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك يۆلىدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكلەر بارغانسېرى ئاجىزلاۋاتىدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى قۇرۇلمىلىق تەمىنلەش-تەلەپ تەڭپۇڭسىزلىنىش زىددىيىتى بىلەن مەسىلىلىرى گەۋدىلىك بولىۋاتىدۇ، جۈملىدىن ئوتتۇرىھال-ئالىي مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا سۈپەتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاشنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈپەت دەۋرىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھتاج بولىۋاتىمىز. تۆۋەندە سۈپەت ياخشىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (1) يېتەكچى پىكىر

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى بىلەن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستىراتېگىيەنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى بىلەن ئۈنۈم-پايدىنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت ئىستىراتېگىيەسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەت ياخشىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت نازارەتچىلىكىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەلىكلەرنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن سۈپەت ئاساسى سېلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر