باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.13 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- سېنتەبىردىن 12- سېنتەبىرگىچە، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تىل مەدەنىيەت سىياسىتى مائارىپ مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ نەق مەيداندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا جايلاردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتېر سۆزىدە مۇنۇلارنى دېدى: شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تىل مەدەنىيەت سىياسىتى مائارىپ مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بولسا، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسىدۇر. جايلار مەركەزنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ مىللىي خىزمىتىدە، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ تىل مەدەنىيەت سىياسىتىنى ئۆگىنىشنى تۇتقا قىلىپ، نۇرغۇن ياخشى تەجرىبە ۋە ياخشى ئۇسۇللارنى توپلىدى، ھەمدە زور بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى يارىتىپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر