سۈرەتتە: 8-ليەندىكى پاختا تىرىش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى) ئىشلەپچىقىرىش-قورۇلۇش بىڭتۋەنى 3-شى پەيزىۋات باش مەيدانىدا 12-سېنتەبىر پاختا تىرىش رەسمىي باشلاندى.
باش مەيدان دېھقانچىلىق بۆلۈمىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، باش مەيدان بۇ يىل سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقان ئاساستا 100 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزنىڭ 78 مىڭ موسىنى كومبايىن بىلەن، 22 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزنى ئادەم كۈچى بىلەن تىرىشنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بورۇن 45 مىليون كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنى يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى