خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن قارتال بازىرى يۇقىرىقى بوزچى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى بازارلىق دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى 300دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە تۈرتكە بولدى.
بۇ قېتىملىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش قان بېسىم، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئېغىز بوشلۇقى، جىگەر ئىقتىدارى، ئۆپكە سىغىمچانلىقى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى تۇرسۇن يۇنۇس ھاياجانلانغان ھالدا: «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئىنتايىن خوش بولدۇق، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش بىخەتەر، ھەقسىز بولدى، تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياخشى چىققاندىن كېيىن، بىز ئاتا-ئانىلارمۇ ئىنتايىن خاتىرجەم بولدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى