باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە پاسپورت بېجىرىشنىڭ تاماملىنىش ۋاقتى 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى

2017.09.18 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ پاسپورت بېجىرىش مۆھلىتى 30 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگىچە قىسقارتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاسپورت ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ كىنىشكا» دېيىلىدۇ) بېجىرگەندە، پەقەت بىر قېتىم بارماق ئىزى قالدۇرسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

  9- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، سىستېمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى مەملىكەت بويىچە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈرۈمچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلكەندىن كېيىن، رەسمىيەتلەر ئاددىيلاشقان ۋە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چېگرادىن چىقىشنى تەستىقلاش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ۋاڭ شۇيى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 8- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. مەزكۇر تارماق ئەترەت 8- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى سىستېما ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ماتېرياللار قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئەسلىدىكى 30 خىزمەت كۈنىدىن 15 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «ئۈچ كىنىشكا»نى بېجىرىشتە ئۈچ قېتىم بارماق ئىزى قالدۇرۇش كېرەك ئىدى. بۇ يېڭى سىستېما ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «ئۈچ كىنىشكا»نى بېجىرىشتە پەقەت بىر قېتىملا بارماق ئىزى قالدۇرۇش كۇپايە قىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇشتىكى بۇ سىستېما مەملىكەت بويىچە تورلاشقان سىستېما ھېسابلىنىدۇ. بۇرۇن كىنىشكا بېجىرگەندە، تەكشۈرۈش تەرتىپى داۋاملىشىپ خېلى بىر باسقۇچقا بارغاندا ئاندىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرى بۇ كىنىشكىنى بېجىرگەن-بېجىرمىگەنلىك ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىدىغان بولسا، ھازىر، پەقەت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزسىلا، ئۇنىڭ ئىلگىرى بۇ خىل كىنىشكىنى بېجىرگەن-بېجىرمىگەنلىكى ئاشكارىلىنىدىكەن. بۇنىڭدا ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ۋاقتى تېجەپ قېلىنىدىكەن. ئىلگىرى «ئۈچ كىنىشكا»نى بېجىرىشكە 10 مىنۇت كەتسە، ھازىر 3- 5 مىنۇتتىلا بېجىرىلىپ، ئىش تامام بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن چىقىش-كىرىش زالى يەنە كىشىلەرگە «يېشىل يول» ئېچىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، چوڭلار، ئاجىزلار، كېسەللەر، مېيىپلار ۋە ھامىلىدارلار دېگەندەك ئالاھىدە كىشىلەر توپى شۇ زالغا بېرىپلا ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. چېگرادىن چىقىپ جىنازا ئىشلىرىغا بېرىش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش، چېگرادىن چىقىپ دوختۇرغا كېسەل كۆرسىتىش ۋە جىددىي سودا ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن كىنىشكا بېجىرمەكچى بولغانلارغا جىددىي ئىشنى جىددىي بويىچە بېجىرىپ بېرىدىكەن.

  ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئومۇمەن غەيرىي ھۆكۈمەت خادىملىرى (يەنى، خۇسۇسىي كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشسىز ئاھالىلەر) چەت ئەلگە چىقىش پاسپورتى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، نوپۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئىشىنى كۈتۈۋېلىش ئىشخانىلىرىغا بېرىپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى (دۆلەت مەمۇرىي ئورۇنلىرى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىسى)دىكىلەر چەت ئەلگە چىقىش پاسپورتى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، يەنىلا ئۈرۈمچى شەھىرى يىمىن سارىيىنىڭ B رايونغا جايلاشقان شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئىشىنى كۈتۈۋېلىش زالىدا بېجىرىدىكەن. شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ئاۋازلىق مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: (0991) 4675690؛ سۈنئىي مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: (0991) 4184116.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر