باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىگە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان 864 ئوقۇتقۇچى تولۇق خاتىرجەم قىلىندى

2017.09.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قۇيۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى «جەلپ قىلىش، تۇتۇپ قېلىش، ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغان 864 ئوقۇتقۇچىنىڭ ياتاق، تاماق، قاتناش ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تولۇق خاتىرجەم قىلدى.

  ئاۋات ناھىيەسى بۇ يىل يېڭىدىن 864 ئوقۇتقۇچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يەرلىكنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىلھام بېرىش، تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئۇلارغا يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدەك ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشتى.

  بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن جاڭ يەنخۇا فۇكاڭ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ يەسلى مائارىپ كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سانجىدا قېلىپ بالىلار يەسلىسىدە ئوقۇتقۇچى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاۋات ناھىيەسىدە بولغاچقا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت تىلى 6-بالىلار باغچىسىغا ئىشقا چۈشتى.

  ئوقۇتقۇچى جاڭ يەنخۇا مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن باشلاپ بالىلارغا ئامراق ئىدىم. بالىلار مائارىپىنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، بالىلار مائارىپى كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئاۋات ناھىيەلىك مائارىپ سىستېمىسى بىزگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. بەش خىل سۇغۇرتىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ 4000 يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىدىكەنمەن. مەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن.

  دىڭ خومېي نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىن بولۇپ، توردىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ، ئاۋات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە چىققانىدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارغا چىقارغان ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت مۇھىتىدىن رازى بولدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىڭ خوڭمېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ناھايىتى ياخشىكەن. ياتاق، تاماق تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن. تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدىكەن. ئەگەر ئاتا-ئانام مېنى كۆرگىلى شىنجاڭغا كەلسە ياكى مەن ئاتا-ئانامنى يوقلاپ يۇرتۇمغا قايتسام قاتناش پۇلىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىدىكەن. مەن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئاۋات ناھىيەسى ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىدىن بۇ يىل 864نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەتتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ھەل قىلىپ، ئۇلارنى ئۈچ يىللىق تەكلىپ قىلىش مۇددىتى ئىچىدە يەرلىكتىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئىش ھەققى تەمىناتى ۋە تۈرلۈك تولۇقلىمىلاردىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىللە، يۇرتىغا بېرىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ۋە ئاتا-ئانىسى پەرزەنتلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ كېتىش جەريانىدىكى قاتناش پۇلىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر