خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يېشىللىققا گۈل تۈۋرۈكى، گۈل شارچىسى ۋە گۈللۈك بەلبېغى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسەن تاماملاندى.
يېقىندا، بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىمىلىق گۈل ئورۇنلاشتۇرۇش باشلاندى. نۆۋەتتە مەيداننىڭ ئىككى يېنىدىكى يېشىللىققا گۈل تۈۋرۈكى، گۈل شارچىسى ۋە گۈللۈك بەلبېغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسەن تاماملاندى. بېيجىڭ شەھەرلىك باغ- ئورمان كۆكەرتىش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا، «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» نامىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يەنە نامايان بولىدىكەن، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يېشىللىققا 12 گۈل تۈۋرۈكى، 18 گۈللۈك شارچىسى ۋە 5000 كىۋادرات مېتىر گۈل بەلبېغى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەچتە يەنە چىراغ نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، مول كەچلىك مەنزىرە يورۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى