باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسى ئامېرىكىغا «زومىگەرلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا باش ئەگمەيمىز!» دېدى

2017.09.19 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي داھىيسى بۈيۈك ئايەتۇللاھ ئەلى ھامىنىيى 17-سېنتەبىر: ئامېرىكا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، لېكىن ئىران ئامېرىكىنىڭ «زومىگەرلىك» ھەرىكىتىگە باش ئەگمەيدۇ، ئەگەر ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىگە قارىتا ھەرقانداق «خاتا ھەرىكەت» قىلسا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.

  ھامىنىيى شۇ كۈنى پايتەخت تېھراندا ساقچىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ئامېرىكا ئەمەلدارى ئىراننى «يالغان سۆزلىدى»، دەپ ئەيىبلىدى، بىراق ئىران ئەڭ سەمىمىي دۆلەت ھەمدە ئىزچىل سەمىمىي پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كەلدى، دېدى.

  ھامىنىيى: «گەرچە (ئىران يادرو مەسىلىسى) سۆھبىتىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى پۈتۈنلەي ئادىل بولمىدى، ئامېىرىكىنىڭ قىلمىشى زومىگەرلىك قىلىشتۇر. ئامېرىكىلىقلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئىران خەلقى ئۆزىنىڭ مەيدانىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئىران بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەيدۇ»، دېدى.

  2015-يىلى 7-ئايدا، ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، 2016-يىلى 1-ئايدا ئىجرا قىلىش باشلانغان. ئەمما، بۇلتۇر ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە، كېيىن غەلىبە قىلغان دونالد ترامپ ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئامېرىكا ئىمزالىغان «ئەڭ ناچار كېلىشىم» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۆزى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىرانغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىران پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئارقا- ئارقىدىن قوللاندى. ترامپ يەنە مەمۇرىي تارماقلاردىن ھەر 90 كۈندە پارلامېنتقا دوكلات سۇنۇپ، ئىراننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى باھالاشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر