باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش» ئىدىيەسى يەنە بىر قېتىم ب د ت نىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلدى

2017.09.18 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 71-نۆۋەتلىك يىغىنى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش» پىرىنسىپىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش» قارارىغا كىرگۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نوپۇزلۇق مۇھەرىرى يې شۇخۇڭ بىلەن جاۋ يەن بۇ ھەقتە چوڭقۇر توختالدى.

  جاۋ يەن جۇڭگو ئىدىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ قارارىغا يەنە بىر قېتىم قوبۇل قىلىندى، بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ سورىغاندا، يې شۇخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە بۇ مېنىڭچە شارائىت پىشقاندا ئىش ئۆز-ئۆزىدىن ھەل بولىدۇ دېگەنلىك. ئالدى بىلەن جۇڭگو ئىدىيەسى ئۈستىدە توختالماي بەزى مىساللارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى، سىز ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كەلگەندە ھەممە نەرسىگە مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىز، قەيەرگىلا بارماقچى بولسىڭىز يانفون بىلەن سايىلەپلا ئوپچە ۋېلىسپىتنى مىنىپ كېتىۋېرىسىز، سىرتقا چىققاندا پورتمال ئېلىپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەتتا يول بويلىرىدا پوشكال ساتىدىغان ئاياللارمۇ ئۈندىدار ۋە چىقىمدان ئىشلىتىدۇ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تېز ھەم سىلىق ماڭىدۇ، ھەتتا تەڭگە تىك چۈشسىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ، ئەڭ خۇماردىن چىقىدىغان ئىش توردىن مال سېتىۋېلىش، توردىن توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بىر چەتئەللىك دوست ماڭا «بىز سىلەر جۇڭگولۇقلارغا بەك ھەۋەس قىلىمىز» دېدى، بۇ ھەۋەس بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەممىمىزنىڭ قەلبى خۇشاللىققا تەلپۈنىدۇ.

  بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى تېزلىكى، يېڭىلىقنىڭمۇ بەك كۆپلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى دۆلەتلەر سىلەرنىڭ جۇڭگو نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تېز تەرەققىي قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق ياخشى دەپ ئويلاپ، بىزنىڭ قارىشىمىز ۋە ئىدىيەمىزگە بەك قىزىقىدۇ، ھەتتا قايىل بولىدۇ ھەم كەينىمىزدىن ئەگىشىدۇ. شۇڭا، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، بىر بەلباغ، بىر يول، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئىدىيەلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلۈپ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يېڭى ئىدىيە ئاتا قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقى ھەم يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭمۇ ئۆزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

  جاۋ يەن ھەر قانداق بىر دولقۇننىڭ روشەن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ جۇڭگو ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىش قارارى-جۇڭگونىڭ بۇ ئىدىيەلىرىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ-قانداق دەپ سورىغاندا، يې شۇخۇڭ مۇنداق دېدى: شۇنداق، ھەر قانداق بىر ئىدىيە پەقەت دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بولىدۇ، دۇنيا ئېقىمى ھەيۋەتلىك، داغدۇغىلىق، بۇ ئېقىمغا ئەگەشكەنلەر روناق تاپىدۇ، قارشى يول تۇتقانلار زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئېقىمى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق، تەرەققىيات، تەڭ نەپ ئېلىش.

  شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى جانسىز بولدى، غەربنىڭ تۈزۈمىدىكى نۇقسانلار مەركەزلىك ئاشكارىلىنىشقا باشلاپ، مىسلىسىز كىرىزىسقا دۇچ كەلدى. باي-كەمبەغەللىك پەرقى چوڭىيىپ، سىنىپىي قارىمۇ-قارشىلىق، نارودنىكلىق ئەۋج ئالدى، ئامېرىكىدىكى نامراتلار ۋول كوچىسىنى ئىگىلىۋالدى، فىرانسىيە ئىشچىلىرىمۇ كېچىدە ئۆرە تۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى باشلىدى، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئوڭ قانات كۈچلەر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر بۆلۈنمىچىلىقى پەيدا بولدى. بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى يەنە ئالغا باستۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختىدى. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، غەرب دۇنياسى قالايمىقانچىلىققا چۈشكەندەك تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى نېمە؟ مېنىڭچە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئادىل تەرەققىيات، ھەمبەھىرلىك تەرەققىيات قاتارلىق ئىدىيەلەرگە بولغان تونۇشى يېتەرسىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرسىز. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، تىنچىلىق، تەرەققىيات، تەڭ نەپ ئېلىش-بىر ئومۇميۈزلۈك ئىستەككە ئايلاندى.

  جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، بىر بەلباغ، بىر يول، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمبەھىرلىنىش قاتارلىق كۆپ ۋە ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مانا بۇ دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقانلىق. چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ ئىدىيەلەرنى پائال تارقاتتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ يىغىنى، بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق ساھىبخان دىپلوماتىيەلىرى ھەم باشقا بىر قىسىم كۆپ تەرەپلىك سورۇنلار ئارقىلىق، بۇ ئىلغار ئىدىيەلەرنى خەلقئارا تەرتىپنى قايتا تۇرغۇزۇشقا كىرگۈزدى. شۇڭا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ جۇڭگو ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش.

  بۇ يەردە يەنە بىر چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش بار، بۇنى ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كوللېكتىپ خاراكتېرلىك قەد كۆتۈرۈشى-دۇنيا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ شەرق باش كۆتۈرۈپ، غەرب پەسكويغا چۈشۈش ھالىتىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى، غەربلىكلەر كۆز-كۆز قىلىدىغان ئەخلاق نوپۇزى، تۈزۈم نوپۇزى، نەزەرىيە نوپۇزى كۆرۈنەرلىك تەۋرىنىشكە باشلىدى. بۇمۇ جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر